UYGHUR.TV
زىيارەتچىلەر سەمىگە
ئۇيغۇر تېلېۋىزىيىسى - دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلىنى جانلىق ئىشلىتىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە ئۇيغۇرچە كىنو-تېلېۋىزىيە فىلملىرىنى ھەقسىز تەمىنلەيدىغان شەخسىي تور تېلېۋېزىيە مۇنبىرى بولۇپ، كەڭ تورداشلارنىڭ تېخىمۇ قولاي ۋە ئەلا سۈپەتلىك خىزمەتكە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، تور ھوجۇمچىلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكى ۋە مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ تور بېتىمىزدىكى مەزمۇنلارنى خالىغانچە ئېچىپ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ راۋان پايدىلىنىشىغا توسالغۇ بولۇشىدەك ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن پەقەت تىزىملىتىپ كىرگەن ئۇيغۇر تورداشلارلا پۈتۈن مەزمۇنلاردىن ھەقسىز بەھرىمان بولالايدۇ.
تىزىملىتىش پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، پەقەت ئۇيغۇر تورداشلارلا تىزىملىتالايدۇ. ئۇيغۇر ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلەلمىگەن تىزىملاتقۇچىلار بىردەك ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدۇ. پەرقلەندۈرۈشنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىسىم-فامىلىڭىزنى ئۇيغۇرچە يازغايسىز. تىزىملىتىشتا ئىسىم فامىلىڭىز ۋە ئېلخەت ئادرېسىڭىزدىن باشقا ھىچقانداق شەخسىي ئۇچۇر تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئېلخەت ئادرېسىڭىز شىفىرىڭىزنى يېڭىلاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە لازىم بولغاچقا چوقۇم توغرا كىرگۈزۈڭ. تىزىملاتقان ھامان كىرىپ پۈتۈن مەزمۇنلاردىن ھەقسىز بەھرىمان بولالايسىز.
تىزىملىتىشتا مەسىلىگە يولۇقسىڭىز ئالاقىلىشڭ.
i n f o @ u y g u r . c o m
